يەرەمىيا 2:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى31 ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟ Faic an caibideil |
شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.
سىلەر ھازىر بىز موھتاج بولغان ھەممە ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇق، ئېتىقاد جەھەتتىكى بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر-دە!؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە كۆرەڭلەپ، بىزنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزۈڭلارلا پادىشاھتەك بولۇۋاپسىلەر-دە!؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!
مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغانمەن. مەن ئۇلارنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇ يەردە قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، راھەت ياشايدۇ. ئاندىن ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ. مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.