Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 2:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىڭلار قېنى؟ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن. ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرنىڭ قانچە شەھەرلىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك ئىلاھلىرىڭلار بار!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 2:28
16 Iomraidhean Croise  

ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا: مەندە نېمە ئىشىڭىز بار؟ بېرىپ، ئاتىڭىز ۋە ئانىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن سوراڭ! _ دېدى. لېكىن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام ئۇنىڭغا: _ بۇنداق دېمەڭ، پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى يىغىپ، موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمەكچى، _ دېدى.


ئەي ئەللەردىكى ئامان قالغانلار، يىغىلىپ كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار! ياغاچتىن ياسالغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلىپ، ئۇلارنى يۈدۈپ يۈرگەن ئادەملەر نېمىدېگەن ئەخمەق-ھە!


بۇ ئىلاھلارنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، تىزلىرى ئېگىلىدۇ، بۇ ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەكسىچە بۇ كېرەكسىز ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن ئەسىرلىككە تاپشۇرۇلىدۇ.


ئۇلار بۇ بۇتنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ، ئۇنى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ بۇت شۇ جايدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ. بىركىم ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايدۇ. ئۇ ھېچكىمنى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزالمايدۇ.


ياردەم سوراپ پەرياد قىلغىنىڭلاردا، ئاشۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن! شاماللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، بىر نەپەستىلا ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. لېكىن ماڭا تايانغانلار چوقۇم زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، مۇقەددەس تېغىمغا ۋارىسلىق قىلىدۇ».


مۇشۇ ئارقىلىق مەن خەلقىمگە قارشى ھۆكۈمۈمنى ئىجرا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى يامان. ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىغا چوقۇندى.


شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقانلار بېرىپ، ئۆزلىرى قۇربانلىق سۇنغان ئاشۇ بۇتلىرىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سورايدۇ. ئەمما بۇ بۇتلار ئۇلارنى بالايىئاپەتتىن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.


ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، قانچىلىك شەھىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك بۇت ئىلاھىڭلار بار. يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولسا، سىلەرمۇ بائالنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدىڭلار.


ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە. ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر. ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.


«بابىل پادىشاھى سىلەرگە ۋە بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلمايدۇ» دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار ھازىر قېنى؟


ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈمدىن شۇنچە كۆپ ھوسۇل ئالاتتى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈزۈمدىن قانچە كۆپ ھوسۇل ئالغانچە، بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.


بۇتنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسۇن؟ ئۇنى ئادەم ئويۇپ چىققانغۇ! قۇيما بۇت يالغانچىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۆزى ياسىۋالغان، گەپ قىلالمايدىغان بۇتقا چوقۇنۇش نېمىدېگەن ئەخمەقلىق-ھە!


ياغاچقا: ‹ئويغان!›، جانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ بۇتلار سىلەرگە يول كۆرسىتەلەمدۇ؟ قاراپ بېقىڭلارچۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ!


پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر پاناھلىنىدىغان ‹قورام تېشىڭلار› قەيەردە؟


بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار تاللىۋالغان ئىلاھلىرىڭلارغا يېلىنىڭلار! مۈشكۈلاتتا قالغىنىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan