Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 2:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرى شەرمەندە بولغاندەك، سىلەر ئىسرائىل خەلقىمۇ شەرمەندە بولىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھلىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، روھانىيلىرىڭلار ۋە پەيغەمبەرلىرىڭلارمۇ خىجالەتتە قالىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 2:26
18 Iomraidhean Croise  

ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن تارتىپ ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ياشىدۇق. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن خەلقىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىندى ۋە خورلاندى. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.


شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».


سىلەر ياخشى كۆرگەن دۇپ دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر، سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن شەرمەندە بولىسىلەر.


بۇت ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ، ئۇلار پەقەت ئاجىز ئىنسان ئەمەسمۇ! ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلسۇن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى قورقۇنچ باسىدۇ، ئۇلار نومۇس قىلىدۇ.


بۇتلارنى ياسىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق، ئۇلار قەدىرلىگەن بۇتلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلار قارىغۇلاردۇر، ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ.


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


يېتەكچىلىرىڭلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن، چوقۇم خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتكە قالىسىلەر.


ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى، ساختا پەيغەمبەرلىرى، شۇنداقلا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرى رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى.


پەرۋەردىگار: «شۇ كۈنى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار ئۆز جاسارەتلىرىنى يوقىتىدۇ، روھانىيلار داڭ قېتىپ قالىدۇ، پەيغەمبەرلەر ھەيرانلىقتا قالىدۇ» دەيدۇ.


ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.


سەن ئۆزۈڭنىڭ شەرمەندىچىلىكىڭدىن نومۇس قىلىسەن. سىڭىللىرىڭ بولغان سودوم ۋە سامارىيە سېنىڭ قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭدىن تەسەللىگە ئىگە بولىدۇ.


سەندىكى روھانىيلار قانۇنۇمنى بۇزۇپ، مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىدى. ئۇلار نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئايرىمىدى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمىدى. ئۇلار مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلماي، نامىمنى خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتسىزلىككە دۇچار قىلدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارغىشنى ئەۋەتتىم. ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ۋە مېنىڭ نامىم بىلەن ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئۆيلەردە ماكانلىشىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىر دانە تاش، بىر تال ياغىچىمۇ قالمايدۇ.»


سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan