يەرەمىيا 2:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. Faic an caibideil |
پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى: _ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ مەن بىلىمەن، خۇدا سېنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى سەن رەزىل ئىش قىلدىڭ ھەم نەسىھەتىمگە قۇلاق سالمىدىڭ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.
مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟ مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟ مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم، دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ، شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.
شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.