Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 2:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بىرەر خەلق ئۆز ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپتىمۇ؟ ئىلاھلىرى ھەقىقىي بولمىسىمۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپتىمۇ؟ ئەمما مېنىڭ خەلقىم شان-شەرەپلىك بولغان مەن خۇدانى ئەرزىمەس بۇتلارغا ئالماشتۇردى!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 2:11
23 Iomraidhean Croise  

سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.


شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھنىڭ سامارىيەدىن كېلىدىغان ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغىن. سەن ئۇلارغا: «ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن پادىشاھنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراشقا كېتىۋاتامسىلەر؟ سىلەرچە ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟


سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى ھەيدىۋېتىپ، يات خەلقلەرنىڭ يامان ئادەتلىرى بويىچە ئۆزۈڭلارغا روھانىي تىكلىدىڭلار. ھەرقانداق بىر ئادەم بىر تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكەلسىلا، ئۇ ساختا ئىلاھلارنىڭ روھانىيسى بولالايدۇ.


چۆپ يەيدىغان بىر كالىنىڭ بۇتىنى ئۇلار، قويدى شان-شەرەپلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئورنىغا.


يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت، ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد.


ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن، شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.


ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى.


خەلق ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرىنى ياسىيالامدۇ؟ ياق! مۇمكىن ئەمەس! ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى ھەرگىز خۇدا ئەمەس» دەيدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار شۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟ ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى.


روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.


مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئىسرائىل خەلقىمنىڭ قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇتقا چوقۇنۇپ، مەندىن يىراقلاپ كەتتى.»


شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا شۇنداق دەيمەنكى، سەن ئەتراپىڭدىكى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا بەكرەك ئىتائەتسىزدۇرسەن. سەن مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلمىدىڭ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىشتا قوشنا ئەللەرگىمۇ يەتمىدىڭ.


باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز.


ئۇلار مەڭگۈ ھايات بولغان شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئادەمزاتقا، قۇشلارغا، تۆت پۇتلۇق ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.


خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.


بۇرۇن، خۇدانى تونۇمايدىغان ۋاقتىڭلاردا يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلى بولغانىدىڭلار.


يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇنى قىزغاندۇردى، يىرگىنچلىك بۇتلارغا سېغىنىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈردى.


ئۇلار ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى، ئەرزىمەس بۇتلار بىلەن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن. ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايمەن.


ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟ سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر، دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.»


چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇش يولىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر بىلەن ئەمەس،


خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ: _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، _ دېدى ۋە بالىسىغا ئىكابود [مەنىسى «شان-شەرەپ يوقالدى»] دېگەن ئىسىمنى قويدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan