Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 19:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 «ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 19:15
23 Iomraidhean Croise  

ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتماقچى بولدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولغاچقا، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.


سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، بەلگىلىمىلىرىڭگە رىئايە قىلمىدى. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار تەرسالىق بىلەن بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى.


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيمەنكى، ئۇلارغا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن ياردەم سورىسىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن.


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


خۇددى پوتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرغىنىدەك، مەن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە يەھۇدىيە خەلقىنى ئۆزۈمگە يېقىن قىلىپ تاللىدىم. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئەزىز خەلقى قىلىپ، ماڭا شان-شەرەپ، مەدھىيە ۋە ھۆرمەت ئەكېلىشنى كۈتكەنىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىشنى خالىمىدى.


ئەمما سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلىپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى ۋە تەربىيەمنى قوبۇل قىلمىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن! شۇڭا، ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!›


«ئەي يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇلاق سېلىڭلار! مەن بۇ جايغا شۇنداق بىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.


سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار.


_ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار.


پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر كۆڭۈل قويۇپ، ئاڭلىمىدىڭلار.


لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار.


سىلەر سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،


مەن سېنى، ئەۋلادلىرىڭنى ۋە ئەمەلدارلىرىڭنى رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، يېرۇسالېمدا ياشايدىغانلارنىڭ ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشلىرىغا، ئىلگىرى مەن ئاگاھلاندۇرغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى سالىمەن. چۈنكى ھەممىڭلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار.›»


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


ئەي جاھان ئەھلى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقىمگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار ھىيلىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جازالايدىغان ۋاقتىم كەلدى. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى، قانۇنلىرىمنى رەت قىلدى.


لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»


ئىگىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلىپ ياقۇپنىڭ تۇرالغۇلىرىنى، غەزەپ بىلەن تۈزلەپ تاشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ قەلئەلىرىنى، ئاياغ ئاستى قىلىپ، خورلىدى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan