1 پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بېرىپ، ساپالچىدىن بىر ئىدىش سېتىۋالغىن! بارغىنىڭدا خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن.
ئۇ يەنە ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە يېتەكچى روھانىيلارنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى.
ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك، شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى، ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك پارچىسىمۇ، كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.»
پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن بېرىپ، كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، ئۇنى بېلىڭگە پوتا قىلىپ باغلىغىن. ئۇنى سۇغا تەگكۈزۈپ قويمىغىن، _ دېدى.
ئاندىن يەھۇدىيەنىڭ بىر قىسىم ئاقساقاللىرى ئالدىغا چىقىپ، توپلانغان خەلققە مۇنداق دېدى:
_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مۆھۈرلۈك ۋە مۆھۈرسىز ھەر ئىككى نۇسخىنى ئالغىن ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى بىر ساپال ئىدىشنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغىن».
ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى سىئون ئوغۇللىرى ئەسلىدە، ئەمدى بولدى كۇلالچىنىڭ ھېجىرىدەك قەدىرسىز بۈگۈندە!
_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر دانە كېسەك ئەكېلىپ، ئۇنى ئالدىڭغا قوي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرۇسالېم شەھىرىنى ئويۇپ چىق.
_ ئەي ئادەم بالىسى، بېرىپ بىر دانە ئۆتكۈر خەنجەر ئەكەل، ئۇنى ئۇستىرا ئورنىدا ئىشلىتىپ، چاچ ۋە ساقاللىرىڭنى چۈشۈر. ئاندىن چۈشۈرۈلگەن چاچ-ساقىللىرىڭنى تارازىدا تارتىپ، ئۈچكە بۆل.
ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن.
ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى قاياپا ئىسىملىك باش روھانىينىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى.
تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، پۈتۈن ئالىي روھانىيلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن باغلاپ،
بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: - مۇقەددەس روھ دېدىكى، بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق باغلىنىپ، رىملىقلارنىڭ سوراق قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ! - دېدى.
خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرىدىن ئىبارەت بولغان بىباھا خەزىنىدۇر. بىز گويا بۇ خەزىنە قاچىلانغان ساپال ئىدىش. مانا بۇنىڭدىن كىشىلەر بىزدىكى ئۇلۇغ قۇدرەتنىڭ ئۆزىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.