يەرەمىيا 18:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئەل ئۆزلىرى قىلغان رەزىل ئىشلىرىغا توۋا قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈش نىيىتىمدىن يانىمەن. Faic an caibideil |
ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭگە مۇنداق دەپ ئېيت: «ھەققانىي ئادەم گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىيلىقى ئۇنى گۇناھىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن قول ئۈزسە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەزىللىكى ئۇنى ھالاك قىلمايدۇ. ھەققانىي ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ كېيىن قىلغان گۇناھىدىن ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.
شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟!