4 ئۇنىڭ ياسىغان ئىدىشى كۆڭلىدىكىدەك ياخشى چىقمىسا، ساپالچى ئۇنى لاي قىلىۋېتىپ، باشقا بىر ئىدىشقا ئۆزگەرتىپ، ئۆزى ئويلىغان شەكىلگە كىرگۈزىدىكەن.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ياراتقۇچىسى بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەر، سىلەر پەقەت لايدىن ياسالغان كوزا-ئىدىشلارغا ئوخشايسىلەر. لاي قانداقسىگە كۇلالچىدىن: «سەن مېنى نېمە قىلىۋاتىسەن؟» ياكى «ياساۋاتقان نەرسەڭنىڭ تۇتقۇچلىرى يوققۇ؟» دەپ سورىيالىسۇن!
شۇنىڭ بىلەن مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە ئۇنى چاق ئايلاندۇرۇپ ئىشلەۋاتقان يېرىدىن تاپتىم.
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئىسرائىل خەلقى، ساپالچى لاينى ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزەلىگەن يەردە، مەنمۇ سىلەرنى قانداق قىلماقچى بولسام، شۇنداق قىلالمامدىمەن؟ لاي ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ مېنىڭ قولۇمدىدۇرسىلەر.