Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 18:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن، ئۇلار ئۆزلىرى قىلىچتا ئۆلتۈرۈلسۇن! ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن! ياشانغانلىرى كېسەللىكتىن، ياشلىرى بولسا جەڭ مەيدانىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 18:21
27 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. بابىللىقلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار نە قىزلارغا، نە ئوغۇللارغا، نە قېرىلارغا ياكى ئاجىزلارغا شەپقەت قىلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


قىلىچتا ئېلىنار ئۇلارنىڭ جانلىرى، چىلبۆرىگە يەم بولار ھەم ئۇلارنىڭ تەنلىرى.


ئىشىنىمەنكى پادىشاھ خۇدادىن خۇرسەن بولار، «خۇدا گۇۋاھ» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر خۇدانى ئۇلۇغلار، بەرھەق، يالغان سۆزلىگەنلەرنىڭ زۇۋانى تۇتۇلار.


دەرغەزەپ بولۇپ، سىلەرنى قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، خوتۇنۇڭلار تۇل، پەرزەنتلىرىڭلار يېتىم قالىدۇ.


ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»


بۇ ئەلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلقنى ئازدۇردى، ئازدۇرۇلغان بۇ خەلق ۋەيران قىلىندى.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز رەزىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئەخمىقانە سۆزلەر چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەن بولمايدۇ، يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى بىلىسەن. سەن مېنى كۆزىتىپ، ساڭا بولغان ئويلىرىمنى سىناپ تۇرىسەن. بۇ رەزىل كىشىلەرنى خۇددى بوغۇزلىغىلى ئېلىپ مېڭىلغان قويلاردەك سۆرەپ ئەكەتكەيسەن! ئۇلارنىڭ قاچان ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەيسەن!


ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرىگە قۇلاق سالغانلارمۇ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرىنىمۇ دەپنە قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋەيرانچىلىق ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق.


مەن ھەممە شەھەرلەردە خەلقىمنى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇۋېتىمەن. ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىمەن. مەن ئۆز خەلقىمنى ۋەيران قىلماقچى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن قايتمىدى.


تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.


شۇڭا ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلىرى شەھەر كوچىلىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.


ئىگىمىز مەنسىتمىدى پۈتۈن باتۇرلىرىمنى، لەشكەر توپلاپ ھۇجۇم قىلدى ئۇ ماڭا، بىتچىت قىلماق بولۇپ يىگىتلىرىمنى. خۇددى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئەزگەندەك دەسسەپ چەيلىدى يەھۇدىيە خەلقىنى.


بىز ئايلاندۇق ئاتىسىز يېتىم بالىغا، ئانىلىرىمىز ئايلاندى تۇل خوتۇنغا.


سېنى خۇددى بۇزۇق ۋە قاتىل ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن.


سەندىكى يېتەكچىلەر خۇددى ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ ھۆركىرىشىۋاتقان شىرلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ۋە ئۇلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇل قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.


مەن ئىلگىرى مىسىرلىقلارنى مۇپتىلا قىلغان ۋاباغا سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلدىم. باھادىر يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچتا ئۆلتۈردۈم. ئاتلىرىڭلار تارتىۋېلىندى. بارگاھلىرىڭلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن تولدۇردۇم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


سىرتنى قىر-چاپ، ئۆي ئىچىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ. ئوغۇل، قىز، بوۋاق، قېرىلارمۇ ھالاك بولىدۇ.


مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ.


سامۇئىل: _ سەن قىلىچىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، ئەمدى سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى. سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan