14 لىۋاننىڭ تاغ چوققىسىدىكى قارلار يوقىلىپ كېتەرمۇ؟ ئېرىقلاردىكى يىراق تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن سوغۇق سۇلار قۇرۇپ كېتەرمۇ؟
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار شۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟ ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى!
لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى! شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا، ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى. مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ۋە ئەسكى يوللاردا ماڭدى.
سىمۇن پېترۇس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئى رەببىم، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟