يەرەمىيا 17:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 ئەمما سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلىپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى ۋە تەربىيەمنى قوبۇل قىلمىدى. Faic an caibideil |
مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.