يەرەمىيا 16:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. Faic an caibideil |
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.
مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.