Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 16:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 16:18
24 Iomraidhean Croise  

ئاتاپ كەنئاندىكى بۇتلارغا، ئۇلار تۆكتى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ بىگۇناھ قانلىرىنى، قانلار بۇلغىدى زېمىننى.


كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


خورلۇقىڭلار ئورنىغا ئىككى ھەسسە بەختكە ئېرىشىسىلەر، سىلەر بۇرۇن خورلانغانىدىڭلار، ئەمدى ئۈلۈشىڭلاردىن شادلىنىسىلەر. سىلەر زېمىنىڭلاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسىلەر، مەڭگۈلۈك خۇشاللىق سىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.


قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ، مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك، مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.


ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ، تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى. مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»


مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن. مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن. ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!»


مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.


ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىگە سەل قاراپ، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى.


مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمگە مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقانىدىم.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەلق كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.


ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زېمىنىدىكى يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك ھەممە بۇتلارنى يوقىتىدۇ.


لېكىن يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك بۇتلارغا قەلبىدىن ئورۇن بەرگەن كىشىلەرنى قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇلار بۇ زېمىندا قان تۆكۈپ، بۇتلارغا چوقۇنۇپ، بۇ زېمىننى بۇلغىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپلەندىم.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن يىرگىنچلىك بۇت ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا شاپائەت قىلمايمەن ھەم ئىچ ئاغرىتمايمەن.


جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.


مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن.


ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار. بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ! بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار، ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار.


ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق. قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ. سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan