Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 14:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 تاقىر تاغلىقلاردا ياۋا ئېشەكلەر ئۇسساپ كەتكەن چىلبۆرىلەردەك ھاسىرايدۇ. ئۇلار ئوت-چۆپ ئىزدەيدۇ، لېكىن ھېچنېمە تاپالمايدۇ، ھالسىزلىقتىن كۆزلىرى خىرەلىشىدۇ.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 14:6
7 Iomraidhean Croise  

ئوردىلار تاشلىنىپ قالىدۇ. شاۋقۇنلۇق شەھەرلەر قاقاسلىشىدۇ. قورغان ۋە مۇنارلار ئادەمسىز، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەر ياۋا ئېشەكلەرنىڭ يايرايدىغان، قويلارنىڭ ئوتلايدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ.


سىلەر قۇملۇقتىكى ياۋايى مادا ئېشەكلەرگە ئوخشايسىلەر. ھەۋىسىڭلار قوزغالغاندا پۇراشقا باشلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى توسۇپ قالالمايدۇ. ھاڭگا ئېشەكلەرنىڭ سىلەرنى ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مادا ئېشەكلەر ھاڭگا ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ كېلىدۇ!


بىھۇدە كۈتىۋېرىپ، تالدى كۆزىمىز، دەرۋەقە، بىزگە ياردەم بېرەلمەيدىغان بىر ئەلگە ئۈمىد باغلىغان ئىكەنمىز.


دەرد-ئەلەمگە تولدى قەلبىمىز، يىغلاۋېرىپ خىرەلەشتى كۆزىمىز.


چارۋا ماللار ئاچلىقتىن نالە قىلماقتا، كالا پادىلىرى ئوت تاپالماي، ھەر تەرەپكە قاترىماقتا، قوي پادىلىرىمۇ قىينالماقتا.


_ ئاتام بىزنى ئېغىر ئەھۋالدا قالدۇرۇپتۇ، _ دېدى يوناتان، _ قاراڭلار، مەن بۇ ھەسەلدىن ئازراق تېتىپ بېقىۋىدىم، شۇنچە روھلىنىپ كەتتىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan