5 ھەتتا بۇغىلارمۇ دالالاردا ئوت-چۆپلەر بولمىغانلىقتىن، يېڭى تۇغۇلغان بۇغىچاقلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ.
نافتالى ئەركىن ئانا كېيىكتۇر، ئۇ تۇغار سۆيۈملۈك بالا كېيىكلەرنى.
ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى، يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى. «ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار.
نىمرىم بۇلاقلىرى سۇسىز قالىدۇ، ئوت-چۆپلەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، يۇمران مايسىلارمۇ سولىشىدۇ، ھەممە يەر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.
چارۋا ماللار ئاچلىقتىن نالە قىلماقتا، كالا پادىلىرى ئوت تاپالماي، ھەر تەرەپكە قاترىماقتا، قوي پادىلىرىمۇ قىينالماقتا.