Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 14:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بايلار خىزمەتكارلىرىنى سۇغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قۇدۇقلارغا بارىدۇ، ئەمما سۇ تاپالماي، ئىدىشلىرى قۇرۇق ھالدا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ، ئازابلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 14:3
23 Iomraidhean Croise  

داۋۇت ھەسرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، يالاڭ ئاياغ مېڭىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يول بويى ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ باشلىرىنى يېپىپ، يىغلىشىپ تاغقا قاراپ مېڭىشتى.


بۇ چاغدا پادىشاھ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ: _ ئاھ ئوغلۇم ئابسالوم! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم! _ دەپ ئۈنلۈك يىغلاۋاتاتتى.


لېكىن يامغۇر ياغمىغاچقا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۈيى قۇرۇپ كەتتى.


خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يەپ، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر.


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئوردىدىكى ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلدى. ھامون بولسا بېشىنى چۈمكەپ، غەمكىن ھالدا ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


كۈتكەنلىرى يوققا چىقىپ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىك باسىدۇ، كۈتكەن يەرلىرىگە بېرىپ، يۈرەكلىرى پۇچىلىنىدۇ.


رەقىبلىرىم كىيىم قىلسۇن خىجالەتنى، تون قىلىپ يېپىنسۇن نومۇسنى.


جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار، شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ. جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار، چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ.


زېمىندا يامغۇر ياغمىغانلىقتىن، يەرلەر يېرىلىدۇ. دېھقانلار ئۈمىدسىزلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.


نېمە ئۈچۈن مەن دائىم ئازاب چېكىمەن؟ نېمىشقا يارىلىرىمنى ساقايتمايسەن؟ نېمىشقا ئۇلار ساقايمايدۇ؟ سەن يازدا قۇرۇپ كېتىدىغان ئېرىققا ئوخشاش، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچىمۇ؟


مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


سىلەر مىسىرلىقلاردىن ئىزا تارتقان ۋە ئازابلانغان ھالدا قوللىرىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى توسۇپ ئايرىلىسىلەر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئىشىنىپ كەلگەنلەرنى رەت قىلىمەن. سىلەر ئۇلاردىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.»


لېكىن پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك جەڭچىگە ئوخشاش ماڭا يار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇلار مېنى يېڭەلمەيدۇ، ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ پۈتۈنلەي نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزا-ئاھانەتكە قالغانلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.


يامغۇرنىڭ قايتا ياغمىغانلىقى، ھەتتا باھاردىمۇ ياغمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. سىلەر پاھىشىلەردەك يۈزسىزسىلەر، نومۇس دېگەننى بىلمەيسىلەر.


ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىغان بوۋاقلارنىڭ تىللىرى چاپلىشىپ قالغان تاڭلىيىغا، نان سورىسا تىلەمچىلىك قىلىپ بالىلار، بىر بۇردا نان بەرمەس ھېچكىم ئۇلارغا.


بولمىسا مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئانىدىن تۇغما ھالەتكە كەلتۈرىمەن. خۇددى قۇملۇقتەك قاقاس چۆلگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىتىپ ئۆلتۈرىمەن.


ياۋايى ھايۋانلارمۇ ھالسىراپ، سەندىن ياردەم كۈتىدۇ. چۈنكى ئېقىنلار قۇرۇپ كەتتى، دالادىكى ئوتلاقلارنى ئوت كۆيدۈرۈپ تۈگەتتى.


مەن ھوسۇل پەسلىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن يامغۇرنىمۇ توختىتىۋەتتىم. بىر شەھەرگە يامغۇر ياغدۇرسام، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم. بىر ئېتىزغا يامغۇر ياغدۇرۇلسا، يەنە بىر ئېتىز يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى.


ھالسىزلانغان پۇقرالار يېزىمۇ يېزا سۇ ئىزدەپ، دەلدەڭشىپ قالدى. لېكىن ئۇلار قانغۇدەك سۇ ئىچەلمىدى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ئەگەر يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرەرسى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلمىسا، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يامغۇر ياغمايدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan