يەرەمىيا 14:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 ئۆز نام-شەرىپىڭ ئۈچۈن بىزدىن يۈز ئۆرۈمىگىن. سېنىڭ شان-شەرەپلىك تەختىڭ جايلاشقان يەرنى نومۇستا قالدۇرمىغىن. بىز بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى ئەسلىگىن، ئەھدەڭنى بۇزمىغىن. Faic an caibideil |
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ تەختىم بۇ يەردىدۇر، بۇ يەر مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر. مەن بۇ يەردە ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈ ياشايمەن. ئىسرائىل خەلقى ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىمايدۇ.