2 «يەھۇدىيە قايغۇ-ھەسرەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ شەھەرلىرى سەكراتقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئازابلىنىپ ياتىدۇ، يېرۇسالېم ياردەم سوراپ نالە قىلىدۇ.
ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى. ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.
كۆپ بولغاي ئۆكۈزلىرىمىزنىڭ يۈكلىرى، ئەسىرگە چۈشمىگەي خەلقىمىزدىن ھېچبىرى. بۇزۇپ ئۆتەلمىگەي ھېچكىم سېپىللىرىمىزنى، ئاڭلانمىغاي كوچىلاردىن زارلىنىش ئاۋازلىرى.
خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.
مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن. ئۇنىڭ مۇساپىرلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ. ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ. خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيرانچىلىقىدىن نالە-پەرياد قىلىپ ماڭىدۇ.
شارابسىز قالغان كىشىلەر كوچىلاردا ۋارقىرىشىپ يۈرۈشىدۇ. ھەممە شادلىق قايغۇغا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
زېمىن قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، جاھان چۆلدەرەپ، قاغجىراپ قالىدۇ، زېمىندىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلەرمۇ تۈگىشىدۇ.
ئۈزۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنىدۇ، يېڭى شارابلار يوق بولىدۇ، ئويۇن-تاماشاغا بېرىلگۈچىلەر ئاھ ئۇرىدۇ.
سىئون دەرۋازىلىرى نالە قىلىپ ھازا تۇتىدۇ، بۇ شەھەر توپا يەردە غېرىبسىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا ئوخشاپ قالىدۇ.
زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ، لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر، يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۆلۈشنى كۆردى، ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى.
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيمەنكى، ئۇلارغا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن ياردەم سورىسىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن.
ئۇلار مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا زېمىنىمنى قاقاس، قۇرغاق چۆللۈككە ئايلاندۇردى. پۈتكۈل زېمىن چۆللىشىپ كەتتى، لېكىن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.
قاچانغىچە زېمىنىمىز قۇرغاقلىشىپ، دالالاردىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ؟ بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ھايۋانلار ۋە قۇشلار ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ كىشىلەر: «بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنى خۇدا كۆرمەيدۇ» دەيدۇ.
بۇلاڭچىلارنى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۇيۇقسىز تالان-تاراج قىلىشقا ئەۋەتكەيسەن! ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن نالە-پەريادلار ئاڭلانسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورەك كولىدى، تۇزاق قۇردى.
زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇققا چۆكىدۇ. مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم. قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.»
باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ. باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.»
خەلقىمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن، يۈرىكىم لەختە بولدى. مەن قايغۇردۇم، بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم.
پەرۋەردىگار سىئوننىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇش قارارىغا كەلدى، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقتى ۋە نىيىتىدىن يانمىدى. قەلئەلەر، سېپىللار ھەسرەت چېكىپ، ۋەيران بولدى.
پەرۋەردىگار سىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى بۇزدى، شەھەر دەرۋازىلىرى توپىنىڭ ئاستىدا قالدى. پادىشاھ، يولباشچىلار يات يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىندى، تەۋرات قانۇنى خەلققە ئۆگىتىلمەس، پەرۋەردىگاردىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي كەلمەس بولدى.
ئاچلىقتىن ئۆرلەپ قىزىتمىمىز، تونۇردەك قىزىيدۇ تېنىمىز.
شۇڭا بۇ زېمىن ھازا تۇتماقتا. بۇ زېمىندا ياشايدىغان بارلىق خەلق ئاجىزلىشىدۇ. دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يوقايدۇ.
ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋەيران بولدى، يەرلەر ھازا تۇتماقتا. ئاشلىقلار خاراب بولدى، شاراب تۈگىدى، زەيتۇن يېغىمۇ يوق بولدى.
ئەي دېھقانلار، قايغۇرۇڭلار! ئەي باغۋەنلەر، نالە-پەرياد قىلىڭلار! چۈنكى ئېتىزدىكى بۇغداي ۋە ئارپىلار ۋەيران بولدى. پۈتۈن ھوسۇلۇڭلار خاراب بولدى.
روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار. زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار.
خەلق ئۇلارنى كۆرۈپ، ھوشىنى يوقىتىدۇ ۋە چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.
مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا، ئۇلار مېنىڭ چاقىرىشىمغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئۇلار مېنى چاقىرغاندىمۇ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىشىغا قۇلاق سالمىدىم.
ئۆلمەي قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتماقتا ئىدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاھ-پەريادلىرى كۆككە كۆتۈرۈلگەنىدى.
«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»