Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 14:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىسەممۇ، مېنىڭ نامىم بىلەن سۆزلىگەن بۇ يالغانچى پەيغەمبەرلەرنى جازالايمەن. ئۇلار: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق كەلمەيدۇ» دەيدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 14:15
26 Iomraidhean Croise  

مىكايا: _ بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ چاغدا بۇنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.»


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىر-بىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلارنى ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ جاكارلايدىغان بۇنداق پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس. ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىمدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالساڭلار، مەن سىلەرنى ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان شۇ پەيغەمبەرلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ھەممىڭلار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.»


ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ، قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇللىرىنى ئېلىپ كېتىمەن. ئۈزۈم تاللىرى ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئەنجۈر دەرەخلىرىدە مېۋە قالمايدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا بەرگەنلىرىم ئېلىپ كېتىلىدۇ.»


ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن، لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى. روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى، نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.


سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟


مەن سىلەرنىڭ ھاكلاپ قويغان تېمىڭلارنى تۈزلەپ، ئۇلىنى ئېچىپ قويىمەن. ۋەيران قىلىنغان تام قەبرەڭلار بولىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›


ئەي ئىسرائىللار، مەن بۇ تامغا ۋە تامنى ھاكلىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. شۇ چاغدا مەن سىلەرگە: ‹بۇ تام تۈگەشتى، بۇنى ھاكلىغانلارمۇ تۈگەشتى.


ئەي ئىسرائىللار، مەن ئاشۇ ساختا غايىبانە ئالامەت توقۇيدىغانلار ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدىغانلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن، ئىسرائىللارنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا قايتىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


مەيلى پەيغەمبەر بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغۇچى بولسۇن، مەن ئۇلارنى ئوخشاش جازالايمەن.


ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، ئۆزى مەسلىھەت بەرسە، ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، خاتا مەسلىھەت بەرسە، ئۇنىڭغا خاتا مەسلىھەت بەرگۈزگۈچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن ۋە ئۇنى ئىسرائىل خەلقىم ئارىسىدىن يوقىتىمەن.


لېكىن كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرماي، خەلقنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولسا، گەرچە ئۆلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتچىدىن ئۇلارنىڭ قان قەرزىنى سۈرۈشتە قىلىمەن.»


ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەر پەقەت قارنىڭلارنى تويدۇرغانلار ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيسىلەر، قارنىڭلارنى تويدۇرمىغانلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر.


ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan