يەرەمىيا 14:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. Faic an caibideil |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ يۈرگەن ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز. ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەپ يۈرىدىغان ئاشۇ ۋەھىيچىلەرگە قارشى ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئەخمەقلەر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەرگە ۋەھىي كەلمىسىمۇ، سىلەر يالغان ۋەھىيلەرنى توقۇپ چىقىسىلەر.