يەرەمىيا 14:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ۋەيران قىلىمەن. Faic an caibideil |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتسەڭلار بولاتتى. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتىڭلار. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن.