1 بۇ يەرەمىياغا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر:
مەن ئۇنى تاشلاندۇق يەر قىلىۋېتىمەن، ھېچكىم ئۇنىڭ شاخلىرىنى پۇتىمايدۇ، ئوتلىرىنى ئوتىمايدۇ، ئۇ يەرنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ، بۇلۇتلارغا يامغۇر ياغماسلىققا ئەمر قىلىمەن.»
ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلىپ، يىلتىزلىرى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم بۈك-باراقسان تۇرىدۇ. ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.
يامغۇرنىڭ قايتا ياغمىغانلىقى، ھەتتا باھاردىمۇ ياغمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. سىلەر پاھىشىلەردەك يۈزسىزسىلەر، نومۇس دېگەننى بىلمەيسىلەر.
سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سىلەرنى ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلدى. سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار بەختىڭلارنى ئېلىپ كەتتى.