Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 13:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ مەن يەھۇدىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۇچىغا چىققان مەغرۇرلۇقىنى مۇشۇ پوتىدەك چىرىتىمەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 13:9
19 Iomraidhean Croise  

ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.


بىز موئابلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ئاڭلىغان، ئۇلار شۇنداق ھاكاۋۇر ئىدىغۇ! ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقىدىن، كىبىرلىكىدىن كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلىغىنى بىكار بولدىغۇ!


بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.


ئاندىن پەرۋەردىگاردىن ماڭا بۇ ۋەھىي كەلدى.


مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.


موئابنىڭ ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئۇلار بەك مەغرۇرلىشىپ كەتتى، ئۇلار ئىنتايىن تەكەببۇر، ھاكاۋۇر ۋە كىبىرلىكتۇر، ئۇلار ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ.


ئۇلار شۇنچىلىك ھاكاۋۇر بولۇپ، ئالدىمدا نۇرغۇن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم.


سەن مەغرۇر چاغلىرىڭدا، رەزىللىكلىرىڭ تېخى ئاشكارىلانمىغان ۋاقىتلاردا، سىڭلىڭ سودوم سېنىڭ مەسخىرە نىشانىڭغا ئايلىنىپ قالغانىدى. لېكىن ھازىر سەن ئىدوملۇق ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئەتراپىڭدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدىڭ. ھېچكىم سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.


ھەيۋەڭلار بىلەن تەكەببۇرلۇقۇڭلارنى سۇندۇرىمەن، ئاسماننى تۆمۈر، يەرنى تۇچتەك قاتتىق قىلىمەن.


ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەر يەھۇدىيەنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقلىرىنى بۇزۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيەنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندەك، ياقۇپنىڭ ئەجدادلىرى بولغان يەھۇدىيەنىڭ شان-شەرىپىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.


ئەي خەلقىم، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار ئۈچۈن، نومۇس قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى مەن ئىچىڭلاردىكى تەكەببۇر ۋە ھاكاۋۇرلارنى يوقىتىمەن. سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا قايتا كىبىرلىك قىلمايسىلەر.


ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.


يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر.


ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan