11 ئۇلار مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا زېمىنىمنى قاقاس، قۇرغاق چۆللۈككە ئايلاندۇردى. پۈتكۈل زېمىن چۆللىشىپ كەتتى، لېكىن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.
بەزمە بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىشتىن ماتەم بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىش ياخشىدۇر. چۈنكى ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىدە باردۇر. ھاياتلار بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقى كېرەك.
شۇڭا ئۇ بىزگە قاتتىق غەزەپ ياغدۇرىدۇ، لەشكەرلىرىمىزنى جەڭدە مەغلۇپ قىلىدۇ. بىز ئوت ئىچىدە قالغاندىمۇ، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدۇق. بىز كۆيۈۋاتقاندىمۇ، بۇنىڭ گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىدۇق.
ھەققانىيلار ئۆلۈپ كەتسە، ھېچكىم كۆڭلىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ، تەقۋادارلار ۋاپات بولسا، ھېچكىم پىسەنت قىلمايدۇ، ھەققانىيلار ۋاپات بولسا، بالا-قازادىن قۇتۇلىدۇ.
ئاڭلاڭلار! شەپە كېلىۋاتىدۇ. شىمالدىكى زېمىندىن كۈچلۈك بىر قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار كېلىپ يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ زېمىنلار پەقەتلا چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.»
ساڭا ئېتىبار قىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلمىغان ئەللەرگە غەزىپىڭنى ياغدۇرغىن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار خەلقىڭنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.
«يەھۇدىيە قايغۇ-ھەسرەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ شەھەرلىرى سەكراتقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئازابلىنىپ ياتىدۇ، يېرۇسالېم ياردەم سوراپ نالە قىلىدۇ.
مەن بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.
بۇ زېمىن خۇداغا ساداقەتسىز كىشىلەر بىلەن تولدى، ئۇلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رەزىللىك بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ لەنىتىدىن زېمىن ھەسرەتلەندى، ئوتلاقلار قۇرۇپ كەتتى.
پۈتۈن زېمىن تاشلىنىپ قالغان بىر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى خەلقلەر بابىل پادىشاھىغا يەتمىش يىل قۇل بولىدۇ.
پۈتكۈل زېمىن تاكى ۋەيران بولغۇچە، ئاپەتلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي يۈز بېرىدۇ. توساتتىن بارلىق چېدىرلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ. چېدىرغا يېپىلغان كىگىزلەرمۇ تۇيۇقسىز يىرتىلىپ كېتىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «پۈتۈن زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.
زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇققا چۆكىدۇ. مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم. قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.»
ئەي يېرۇسالېم، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سال. بولمىسا مەن سەندىن يۈز ئۆرۈيمەن. ھەمدە سېنى ھېچكىم ياشىمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.»
مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئۇلارنى مۇشۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مۇشۇنداق بىر خەلقتىن قىساس ئالمامدىمەن؟»
ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋەيران بولدى، يەرلەر ھازا تۇتماقتا. ئاشلىقلار خاراب بولدى، شاراب تۈگىدى، زەيتۇن يېغىمۇ يوق بولدى.
مەن سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەنكى، ئۇنى ئىگىلىگەن دۈشمىنىڭلارمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ.
_ سەن بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلققە ۋە روھانىيلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر يەتمىش يىلدىن بېرى ياز ئوتتۇرىسى ۋە كۈز ئايلىرى روزا تۇتۇپ قايغۇڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار. ئەمما بۇنى راست مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلغانمىدىڭلار؟!
تا ھازىرغىچە پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنىڭ خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاھ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.