Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 11:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 11:7
29 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقىگە: «يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ،


ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە ئۆزى ماكان قىلغان ئىبادەتخانىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.


پەرۋەردىگار: _ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان مەن خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپا بولىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى.


بۇ ئەھدە مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىدۇر. مەن ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن› دەپ ئېيتقانىدىم.


_ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار.


پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر كۆڭۈل قويۇپ، ئاڭلىمىدىڭلار.


بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى.


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


‹سىلەرگە سېتىلىپ، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلغان ئىبرانىي قۇللارنى يەتتىنچى يىلى چوقۇم ئازاد قىلىڭلار› دېگەنىدىم. لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى.


رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقمىغان. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار!


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى.


سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەمدى خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلاردەك ئەرزىمەس ئوي-پىكىرلەر بويىچە ياشىماڭلار.


مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ.


سىلەر بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، يات ئەللەرمۇ سىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇلار بۇ قانۇن-نىزاملارنى ئاڭلاپ: «بۇ ئۇلۇغ خەلق ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەن» دېيىشىدۇ.


ئۇلارنىڭ مەندىن ھەر دائىم ئەيمىنىشىنى، پەرزلىرىمگە ئەمەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنداق قىلسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بەختكە ئېرىشىدۇ.


سىلەر، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئۆمۈرۋايەت ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن بارلىق قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلساڭلار، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.


شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.


بۇنداقلارغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن نان تېپىپ يەڭلار.


ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن. بىراق ئۇلارنى شۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغىنكى، ئۇلار تەلەپ قىلغان پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن!


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan