يەرەمىيا 11:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى20 ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئويلىرىنى سىنايسەن. مەن سېنىڭ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالغىنىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرز قىلىۋاتىمەن. Faic an caibideil |
مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، مېنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويمىغايسەن ۋە ماڭا ياردەم قىلغايسەن. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىساس ئالغايسەن. ئۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىگە ۋاقىت بەرمىگەيسەن! ئېسىڭدە بولسۇنكى، مېنىڭ بۇنداق ئازابلارنى تارتىشىم سەن ئۈچۈندۇر.