Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 11:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ مېنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا ۋە ئۇلارنى يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ خەلقىگە يەتكۈزگىن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 11:2
9 Iomraidhean Croise  

باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن پادىشاھ ۋە خەلق بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەھدە تۈزدۈردى.


باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن پادىشاھ ۋە پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى.


شۇڭا مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىشنى ئويلايمەن.


پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.


ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ئۆزۈمگە مەنسۇپ قىممەتلىك خەلق قىلىمەن. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋەدۇر.


پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلىغىن: «بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار!


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan