Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 11:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 11:17
33 Iomraidhean Croise  

مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا بىخەتەر ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن.


يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياسىتىپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىپ، ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.


ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى. قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى، روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى.


ئوڭ قولۇڭدا ئۆستۈرگەن يىلتىزغۇ بۇ، ئۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن چوڭ قىلغان ئوغلۇڭ ئىدىغۇ.


مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.


ئۇ ئاغدۇرۇپ يېرىنى، تېرىپ تاشلاپ تاشلىرىنى، تىكتى ئۇ يەرگە سورتلۇق ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى. ياسىدى ئۇ يەرگە بىر كۆزەت كەپىسى، ھەتتا قازدى ھەم بىر شاراب كۆلچىكى. كۈتكەنىدى ئۇ، بۇ يەردىن ياخشى ھوسۇلنى، بىراق ناچار چىقتى ئۇنىڭ ئۈزۈملىرى.»


سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ بۇ، شىمالدىن بىر بالايىئاپەت كېلىپ، بۇ زېمىندىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى باسىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر.


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيمەنكى، ئۇلارغا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن ياردەم سورىسىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن.


ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، قانچىلىك شەھىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك بۇت ئىلاھىڭلار بار. يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولسا، سىلەرمۇ بائالنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدىڭلار.


سەن ئۇلارنى دەرەخكە ئوخشاش تىكتىڭ ھەمدە ئۇلار يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ، مېۋە بەردى. ئۇلار ئاغزىدىلا سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى سۆزلەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبلىرى سەندىن يىراق.


لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى! شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا، ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى. مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ۋە ئەسكى يوللاردا ماڭدى.


ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئەل ئۆزلىرى قىلغان رەزىل ئىشلىرىغا توۋا قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈش نىيىتىمدىن يانىمەن.


«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»


مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟


ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ئاغدۇرمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن.


شۇڭا ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ۋە مېڭىۋاتقان يولۇڭلارنى ئۆزگەرتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانىدۇ.


لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق مىكاھنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ ياق! خىزكىيا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى تىلىگەن. شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانغان. لېكىن بىز بولساق ئۆز بېشىمىزغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا ئېلىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.


بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلار شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆگزىلىرىدە بائالغا ئاتاپ ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.


چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بارلىق بالا-قازانى ئېلىپ كېلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئېيتقانىدىم. لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى. ئۇلارنى چاقىرغانىدىم، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.»


شۇندا، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن رەھىم-شەپقەت تىلەپ، قىلىۋاتقان بارلىق رەزىل ئىشلىرىنى توختىتىشى مۇمكىن. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ خەلققە ئۆزىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ياغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان.


قاراۋۇللار باشلىقى يەرەمىيانى يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بۇ يەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانىدى.


ھازىر ئۇ ئۆزى دېگىنىدەك بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. چۈنكى سىلەر گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.


«ئەگەر سىلەر داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. چۈنكى سىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى قايغۇردۇم.


لېكىن ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن يانماي، بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشنى توختاتمىدى.


نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.


ئەمما پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بەرپا قىلغان نەرسىلىرىمنى بۇزۇپ، تېرىغان زىرائەتلىرىمنى يۇلۇپ تاشلايمەن. بۇ ئىشلارنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە قىلىمەن.


بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى.


ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر، ئۆزۈڭلار بىلمىگەن يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر.


ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەدىن بىر دانە ئۈزۈم نوتىسىنى ئېلىپ، مۇنبەت يەرگە، يەنى سۇ بويىغا سۆگەت تىككەندەك تىكىپتۇ.


ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈمدىن شۇنچە كۆپ ھوسۇل ئالاتتى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈزۈمدىن قانچە كۆپ ھوسۇل ئالغانچە، بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan