يەرەمىيا 11:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ئەي يەرەمىيا، بۇ كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلما! ماڭا يېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلما! بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە، ئۇلار مەندىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايمەن. Faic an caibideil |
بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن.