يەرەمىيا 10:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 بۇ بۇتلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تارشىشتىن، ئالتۇن ئۇفاز زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ بۇتلار ياغاچچى ۋە زەرگەرلەرنىڭ قول ھۈنىرىدۇر. ئۇلارغا كۆك ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسالغان. Faic an caibideil |
لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ، يول ئالدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ، يولغا ئالدى.