Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 10:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «باشقا ئەللەرنىڭ بىمەنە ئېتىقاد يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. باشقا ئەللەر ئاسماندىكى غەيرىي بەلگىلەرنى كۆرۈپ، قورقۇنچقا چۈشسىمۇ، سىلەر بۇلارنى كۆرۈپ قايمۇقۇپ كەتمەڭلار!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 10:2
10 Iomraidhean Croise  

خۇدا يەنە: «كۈندۈزنى كېچىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىشتىكى بەلگە بولسۇن.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار.


سىلەر باشقا ئەللەرگە، يەنى يات خەلقلەرگە ئوخشاش ياغاچ ۋە تاشلارغا چوقۇنساق، دەپ ئويلايسىلەر، لېكىن سىلەرنىڭ بۇ خىيالىڭلار ئەمەلگە ئاشمايدۇ.


سىلەر ياشىغان مىسىرنىڭ خەلقىنىڭ قائىدىلىرىنىمۇ ۋە مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان كەنئان خەلقىنىڭ ئادەتلىرىنىمۇ دورىماڭلار.


مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ زېمىندىكى باشقا خەلقلەرنى قوغلاپ چىقىرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگەشمەڭلار. ئۇلار يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆچ كۆرىمەن.


_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى دورىماڭلار.


مەن سىلەرگە: ‹مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەر تۇرىدىغان زېمىندىكى ئامورلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار› دېگەنىدىم. بىراق سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار».


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan