Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا ۋە يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى بولغان زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ تۇرغان. ئاشۇ يىلى يازدا يېرۇسالېم خەلقى سۈرگۈن قىلىنغان.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 1:3
19 Iomraidhean Croise  

بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ تاغىسى ماتتانيانى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى زىدقىياغا ئۆزگەرتتى.


يوشىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوخانان، ئىككىنچى ئوغلى يىھوياقىم، ئۈچىنچى ئوغلى زىدقىيا ۋە تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلدى.


يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:


_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.


پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى.


_ سەن بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلققە ۋە روھانىيلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر يەتمىش يىلدىن بېرى ياز ئوتتۇرىسى ۋە كۈز ئايلىرى روزا تۇتۇپ قايغۇڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار. ئەمما بۇنى راست مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلغانمىدىڭلار؟!


ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan