Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 13-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىشكە باشلىغان.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 1:2
18 Iomraidhean Croise  

پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: _ ئەي قۇربانلىق سۇپىسى، قۇربانلىق سۇپىسى! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، داۋۇتنىڭ نەسلىدىن يوشىيا ئاتلىق بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ ھازىر سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئىسرىق سېلىۋاتقان بۇتپەرەس روھانىيلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۆيدۈرىدۇ.»


ئۇ ئىككىسى داستىخاندا غىزالىنىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى باشلاپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەرگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى.


ماناسسە ۋاپات بولۇپ، ئۆز ئوردىسىدىكى ئۇززا بېغىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


لېكىن خەلق پادىشاھ ئامونغا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئازاليانىڭ ئوغلى، يەنى مىشۇللامنىڭ نەۋرىسى پۈتۈكچى شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:


پەرۋەردىگار مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ بىر بادام دەرىخىنىڭ شېخىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


_ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار.


لېكىن خانانيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ، چېقىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:


يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى.


_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.


يەھۇدىيەگە ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيالار ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ۋە ئىسرائىلىيەگە يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنىدى.


بۇ پەرۋەردىگاردىن پىتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا كەلگەن ۋەھىيلەردۇر.


بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى.


يەھۇدىيە پادىشاھلىرىدىن يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، پەرۋەردىگاردىن موراشىت يېزىسىدىكى مىكاھقا ۋەھىيلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ ۋەھىيلەر سامارىيە ۋە يېرۇسالېم ھەققىدە ئىدى.


بۇ زىفانىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. زىفانىيا كۇشىنىڭ ئوغلى، كۇشى گىداليانىڭ ئوغلى، گىداليا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا خىزكىيانىڭ ئوغلىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan