يەشايا 9:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدا ۋە ئۇنىڭ پايتەختى سامارىيەدە ياشايدىغان بارلىق خەلق بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ماختىنىپ مۇنداق دېدى: Faic an caibideil |
ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دېيىشى مۇمكىن. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان زېمىن›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان خەلق› دەپ نام ئالىدۇ.