يەشايا 9:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 لېكىن ئەمدى بۇ كۈلپەتلىك زېمىندا ئازاب ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. بۇرۇن پەرۋەردىگار زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرىنى شەرمەندىچىلىكتە قويغانىدى. بىراق كېيىنچە، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى يولدىن تارتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەرلەر ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر تۇرىدىغان جەلىلىيەگىچە شان-شەرەپكە تولدۇرىدۇ. Faic an caibideil |
شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.