5 سۈرىيە پادىشاھى ۋە رىماليانىڭ ئوغلى سۇيىقەست پىلانلاپ:
سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.
سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.
‹يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ئۇ يەرنى ئىشغال قىلايلى. كېيىن ئۇ يەرگە تابىئالنىڭ ئوغلىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەيلى› دەۋاتىدۇ.
ئاراڭلاردىن رەزىللىك بىلەن سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرغان ۋە پەرۋەردىگارغا قارشى يامان غەرەزدە بولغان بىرى چىقتى.
مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.