8 ئۆيى تۇرۇپ يەنە ئۆي قوشۇۋالغانلار، قورۇقىغا يەنە قورۇق قېتىۋالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ زېمىندا باشقىلارغا جاي قالدۇرمىدىڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلار يالغۇز ياشايسىلەر.
ئۇلار خارابىغا ئايلانغان شەھەرلەردە، يەنى ۋەيران قىلىنغان ئۆيلەردە ياشايدۇ.
ئۇ ھەممىنى يۇتۇۋالغاچقا ھېچنېمە قالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بەخت-سائادىتى ئۇزاققا بارمايدۇ.
ئاچكۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە كۈلپەت كەلتۈرەر، پارىخورلۇقتىن نەپرەتلەنگۈچى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەر.
_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر سېنىڭ تۇغقانلىرىڭ ۋە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئىسرائىللار ھەققىدە مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراق بىر ماكاندىدۇر، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى بىزگە مۈلۈك قىلىپ بەردى.»
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدىكى ئاشۇ خارابە شەھەرلەردە قالغان كىشىلەر مۇنداق دەپ يۈرۈشۈپتۇ: «ئىبراھىم ئۆزى يالغۇز بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ھەقلىق بولغان يەردە، بىز شۇنچە كۆپ بولغاندىكىن بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا تېخىمۇ ھەقلىقمىز!»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاممون خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن گىلئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى ياردى.
تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.
ئۇلار باشقىلارنىڭ يېرىنىڭ كويىدا بولسا يېرىنى، باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ كويىدا بولسا، ئۆيىنى تارتىۋالىدۇ. بىرسىنى ئۆيىدىن، يەنە بىرسىنى مىراسىدىن ئايرىيدۇ.
لېكىن بۇ ئەللەر بويسۇندۇرغۇچىنى مەسخىرە ۋە تەنە گەپلەر بىلەن مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي مال-دۇنيا ئوغرىلاپ، بايلىق يىغقانلار، ئالدامچىلىق بىلەن بېيىغانلار! بۇ قىلمىشىڭلار قاچانغىچە داۋاملىشار؟›
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}