2 ئۇ داۋراڭ سالمايدۇ، ياكى كوچىلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ يۈرمەيدۇ.
«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.
ئۇ زەخىملەنگەن قومۇشنى سۇندۇرۇۋەتمەيدۇ، پىلىلداپ ئاجىز يېنىپ تۇرغان چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ. ئۇ چوقۇم ئادالەتنى يولغا قويىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.
مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ.
بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ قاچان نامايان بولىدىغانلىقىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.
رەببىمىزنىڭ خىزمەتكارى جېدەلخور بولماسلىقى، ئەكسىچە ھەممىگە مېھرىبان ۋە تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك.
ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى.