Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 4:5
25 Iomraidhean Croise  

كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ.


پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى، تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى.


ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا! ھەق يولدىكى جامائەت ئارىسىدا، شۈكۈر ئېيتىمەن ئىخلاس بىلەن خۇداغا.


كۈندۈزى يېتەكلىسە ئۇلارنى بۇلۇت بىلەن، كېچىسى يول باشلىغانىدى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن.


شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.


خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.


تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى.


_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.


ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يوپۇقلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن 11 پارچە قېلىن يوپۇق توقۇسۇن.


مېنىڭ خەلقىم تىنچ زېمىندا ياشايدۇ، بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، تىنچ جايلاردا ئارام ئالىدۇ.


سىئون تېغىغا قاراڭلار! ھېيتلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شەھىرىمىزگە قاراڭلار. سىلەر يېرۇسالېمنىڭ خاتىرجەم يەرگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ يۆتكىگىلى بولمايدىغان چېدىردەك مەزمۇت ئورناپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. ئۇنىڭ قوزۇقلىرىنى سۇغۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئارغامچىلىرىنى ھېچكىم ئۈزەلمەيدۇ.


مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدەم ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قۇتقۇزۇپ، قوغداپ قالىمەن».


مەن پات ئارىدا ئۆز قولۇم بىلەن ھەققانىيەتنى يۈرگۈزىمەن، ئۇ كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، مېنىڭ نىجاتلىقىم كېچىكمەيدۇ، مەن سىئوننى قۇتقۇزىمەن، مەن ئىسرائىل خەلقىگە شان-شۆھرىتىمنى بېرىمەن.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا.


قارا، زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ، ئەلنى زۇلمەت باسىدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سېنى يورۇتىمەن، مېنىڭ شان-شەرىپىمنىڭ نۇرى ئۈستۈڭگە چېچىلىدۇ.


چۈنكى، ئىككى ياكى ئۈچ كىشى مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە جەم بولسا، مەنمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan