Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 4:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سىئوندا قالغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان قالغانلار «خۇداغا بېغىشلانغانلار» دەپ نام ئالىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئامان قالدۇرۇشقا تاللىغان ئادەملەردۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 4:3
33 Iomraidhean Croise  

ئۆچۈرۈۋەتكىن ھاياتلىقنىڭ دەپتىرىدىن ئۇلارنى، ھەم ھەققانىيلار قاتارىغا پۈتمىگىن ئۇلارنى.


يات قوۋمنى پۈتكىنىدە تىزىمغا پەرۋەردىگار: «بۇ كىشى سىئوندا تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويار. سېلاھ


سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ، شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.


بۇ چاغدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قايتىپ كەلگەن ئاز بىر قىسىم خەلقىنىڭ شەرەپلىك، گۈزەل، تاج-تەختى بولىدۇ.


زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.


ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامان قالغان پۇقرالىرى! سىلەر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەن سىلەرنى قوللاپ كەلدىم، سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن كۈندىن باشلاپلا مەن سىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلدىم.


ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.


بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.»


خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.


سىلەر ‹مۇقەددەس خەلق›، ‹پەرۋەردىگار قوغدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىسىلەر، يېرۇسالېم ‹ئەتىۋارلانغۇچى›، ‹تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»


ئەي ئىسرائىللار، مەن ئاشۇ ساختا غايىبانە ئالامەت توقۇيدىغانلار ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدىغانلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن، ئىسرائىللارنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا قايتىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


تاغ ئۈستىدىكى ئىبادەتخانا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئەڭ مۇقەددەس يەر دەپ قاراڭلار. ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم بەلگىلىمە مۇشۇدۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى، مۇقەددەس تېغىم سىئوندا ياشايدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر. يېرۇسالېم مۇقەددەستۇر، يات ئەللەر ئۇ يەرگە يەنە تاجاۋۇز قىلالمايدۇ.


لېكىن سىئون تېغى قاچقانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ بىر مۇقەددەس زېمىن بولىدۇ. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ.


پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يازمىغا پۈتۈلدى.


لېكىن، سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەنلا خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى خۇدانىڭ نامىڭلارنى ئەرشتىكى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈشى بىلەن خۇشال بولۇڭلار، - دېدى.


يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشتى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ تەلىملەر ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. خۇدا تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا تاللانغانلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


خۇدا ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرغان؟ خۇدا ئۇنىڭغا: «بائالغا چوقۇنمىغان سەندىن باشقا يەنە يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» دېگەن.


خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى بىلەن تاللىغان ئىسرائىللاردىنمۇ ئاز بىر قىسمى يەنىلا بار.


خۇدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ پاك ۋە ئەيىبسىز بولۇشىمىز ئۈچۈن، دۇنيانى يارىتىشتىن بۇرۇنلا، بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىنىشىمىز ئارقىلىق تاللىدى. خۇدا بىزنى سۆيگەچكە، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە پەرزەنت بولۇشىمىزنى ئۆز خۇش رايى بويىچە ئالدىنئالا بەلگىلىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىدۇر.


ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن.


خۇدا سىلەرنى سۆيۈپ، «ئۆزۈمگە ئاتىغان خەلقىم» دەپ تاللىغانىكەن، رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار.


كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.


سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.


ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى.


ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.


غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan