1 ئۇ چاغلاردا، بالئاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان، پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا خەت ۋە سوۋغا-سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى.
داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەي» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە،
ئوغلى يورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە، توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇت پادىشاھقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى.
يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ئاتا قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.
ئەمما خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە رەھمەت بىلدۈرمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا، يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى.
بىراق بابىلنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرگەن ئالامىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچىدى.
ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:
بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.
سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر: بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە! ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە!
بابىل زېمىنىغا قاراڭلار، بۇ زېمىندىكى خەلق يوقالغان! ئاسسۇرلار بۇ زېمىننى ياۋايى يىرتقۇچلارغا ماكان قىلىپ بەردى. ئۇلار شەھەر سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، ئوردىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.