1 ئەي خەلقلەر، يېقىنراق كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئادەملەر، دىققەت قىلىڭلار! زېمىن ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل خەلق ئاڭلىسۇن. پۈتكۈل جاھان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىق ئاڭلىسۇن.
شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: _ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن!
پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.
قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە.
ئېيتىڭلار ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر، ئۇ سورار خەلقلەرنى ئادالەتتە. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن، بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى.
ئەي دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر، زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەر، سىلەر تاغدا كۆتۈرۈلگەن بىر تۇغنى كۆرگەندە ئاگاھ بولۇڭلار! سىلەر قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئاگاھ بولۇڭلار!
مەيلى سىلەر يىراقتا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ياكى يېقىندا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ھەممىڭلار مېنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىمنى ئاڭلاڭلار! مېنىڭ غايەت قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، شۈك تۇرۇپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! جەسۇرراق بولۇپ، ئالدىمغا كېلىڭلار، ماڭا گەپ قىلىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.
ھەرقايسى ئەللەردىكىلەرنى يىغىڭلار، بارلىق خەلق يىغىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قايسىسى مۇشۇ ئىشلاردىن بېشارەت بېرەلىگەن؟ كىم ئۆتمۈشتە بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بېرەلىگەن؟ ئۇلار گۇۋاھچى ئەكېلىپ ئىسپاتلىسۇن، گۇۋاھچىلار بۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن.
ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن ئەزەلدىنلا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ كەلدىم. مەن باشتىن ئاخىر بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەلدىم.» مانا ئەمدى ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز روھىنى ئاتا قىلىپ، مېنى ئەۋەتتى.
قۇلاڭ سېلىڭلار، ئەي دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر! دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، ئەي يىراقتىكى خەلقلەر! مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى، مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى.
ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان، قىزىل بويالغان تون كىيگەن، گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن غەلىبەمنى جاكارلايمەن، مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»
ئەي يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال.
بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. «تېمان شەھىرىدە ئەقىل-پاراسەت قالمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ دانالىرى ياخشى نەسىھەت بېرەلمەمدۇ؟ ئەجەبا، ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت غايىب بولدىمۇ؟
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي گوگ، مەن ئىلگىرى خىزمەتكارلىرىم، يەنى ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەن ئەمەسمىدىم، ئۇلار سېنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىڭ ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشمىگەنمىدى!؟›
بۇ مەن ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىي بولۇپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. بىز پەرۋەردىگاردىن بىر خەۋەر ئالدۇق، ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ. ئەلچى: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.
چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.»
ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا، ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا.
ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىساڭلار، بۈگۈن ئاسمان-زېمىن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولسۇنكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا تېز ۋەيران قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر.
مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»
ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ھۆكۈمرانلار، قۇلاق سېلىڭلار! نەغمە-ناۋا ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئېيتىمەن، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۈيلەيمەن.
ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي! دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!» شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.