Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەشايا 30:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەمما پىرئەۋننىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش، ئۇلارغا نومۇس ئېلىپ كېلىدۇ، مىسىرنىڭ پاناھلىقى سىلەرنى خارلىقتا قالدۇرىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەشايا 30:3
18 Iomraidhean Croise  

سىلەر ئەمدى مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.


ئېغىر كۈنلەردە تايىنىش ۋاپاسىزغا، ئوخشار چىرىگەن چىش، سۇنغان پۇتقا.


ئېفىيوپىيەگە ئۈمىد باغلىغان ۋە مىسىرنى چوڭ بىلىپ ئۇنىڭغا تايانغانلار بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ ۋە خىجىل بولىدۇ.


شۇ چاغدا دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيە خەلقى مۇنداق دەيدۇ: ‹قاراڭلار! بىز ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار بىزنى ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدۇققۇ؟ ئەمدى بىزچۇ، بىز قانداق قۇتقۇزۇلىمىز؟›»


سىلەر مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»


لېكىن ھازىر، چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان جايدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىسىلەر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوئامون شەھىرىنىڭ ئىلاھى ئاموننى جازالايمەن. مىسىر ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى، شۇنداقلا پىرئەۋنگە تايانغان بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن.


ئۇلار سېنى تايىنىدىغان تاياق قىلغاندا، سەن يېرىلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ قولتۇقىنى تىلىۋەتتىڭ. ئۇلار ساڭا يۆلەنگەندە، سەن سۇنۇپ كەتتىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بېلى چىم بولۇپ كەتتى.


ئۇ ئاسسۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ، قۇدرەتلىك ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغا قىلىنىدۇ. ئەفرايىم شەرمەندە بولىدۇ، ئىسرائىلىيە ئۈمىدىنى بۇتقا باغلىغانلىقى ئۈچۈن نومۇستا قالىدۇ.


مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىكى كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ» دېيىلگەن.


بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan