13 پەرۋەردىگار سوتتىن ئورۇن ئالدى، ئۇ خەلقنى سوراققا تارتىشقا ھازىرلاندى.
«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»
ئارىمىزغا يېنىپ كېلىپ ئى خۇدا، نامىڭنى قوغدىغىنا قايتىدىن. ھاماقەت كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم مەسخىرە قىلغانلىرىنى چىقارمىغىن يادىڭدىن.
خۇدا باش بولۇپ ئولتۇرۇپ ئەرشتىكى مەجلىستە، دەيدۇ مۇنداق ھۆكۈمدارلارغا:
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.
ئىگەڭلار پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن سىلەرنىڭ قولىڭلاردىن ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، قەدەھتىكى ئازابقا تولغان شارابنى ئېلىۋالدىم، ئەمدى سىلەر بۇ قەدەھتىن شاراب ئىچمەيسىلەر.
پەرۋەردىگار بارلىق ئىنسانلارنى ئوت ۋە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ، نۇرغۇن ئادەملەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
«ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر ئورۇنلىرىدىن قوزغالسۇن، يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلسۇن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ يەردە سوتلايمەن.
ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، تاغلارغا بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلاڭلار. ئەرزىڭلارنى ئېدىرلار ئاڭلىسۇن.
ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.