10 ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.
سەن ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرگە يوقاتمايسەنغۇ، ئۇنداق قىلماسسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، ھەققانىيلار گۇناھكارلار بىلەن تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىنمۇ؟ سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى تۇرساڭ، جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن! _ دېدى.
شۇڭا دەركى ئىنسانلار: «ھەققانىيلار ئىنئام ئالۇر، شۈبھىسىزكى، يەر يۈزىدە سوراق قىلغۇچى خۇدا باردۇر.»
شۇڭا ئىسرائىللار داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. تۇغۇت ئانىلىرى خۇداغا ئىخلاسمەن ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بالىچاقىلىق قىلدى.
بەرىكەت ھەققانىيلارنىڭ بېشىغا ياغار، زوراۋانلىقىنى يامانلارنىڭ سۆزلىرى يوشۇرار.
ئادەم ياخشى سۆزى بىلەن ياخشىلىق تاپار، مېھنىتى بىلەن ئىنئامغا سازاۋەر بولار.
گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بالا قوغلىشار، ھەققانىيلار ياخشى ئىنئام ئالار.
ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدە بولار، ئۇنى سۆيگەن ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ھوسۇل ئالار.
گۇناھكار ئادەم گەرچە يۈز قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، لېكىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار چوقۇم بەخت تاپىدۇ.
ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەي يەرەمىيا، ھالىڭدىن مەن خەۋەر ئالىمەن. دۈشمەنلىرىڭ قىيىنچىلىق ۋە بالايىئاپەتكە ئۇچرىغاندا، يېنىڭغا كېلىپ، سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۆتۈنىدۇ.
مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»
ئەي يىھوياقىم، كېدىر ياغىچىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى بىر ئۇلۇغ پادىشاھ دەپ ئويلامسەن؟ ئاتاڭنىڭمۇ يېمەك-ئىچمىكى مول ئىدى. لېكىن ئۇ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان.
لېكىن مەن ئۇلارغا: ‹ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر ھەم مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن باشلىغان يولدا ماڭساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ› دەپ بۇيرۇغانىدىم.
كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. بالىسى ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا، ئاتىسىمۇ بالىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئەمەستۇر. ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىغا لايىق ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، رەزىللەر رەزىللىكىگە لايىق جازالىنىدۇ.
ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ، يېرۇسالېمنى ئايلىنىپ، شەھەردە بولۇۋاتقان يىرگىنچلىك ئىشلارغا ئېچىنىپ، پەرياد قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پېشانىسىگە بەلگە سېلىپ قوي.»
لېكىن يەر-زېمىن كىشىلەرنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.
ئەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالغۇچىلار، پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىڭلار! ئادالەتنى قوغلىشىڭلار، كەمتەر بولۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىدە بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قوغدىلىپ قالىسىلەر.
شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.»
«سەنمۇ بەش شەھەرنى باشقۇرىسەن» دەپتۇ خوجايىن.
قاننى يېمەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر. ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.