4 مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن. خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن! مەن دەرھال ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن،
ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە، تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.
تىكەنلەرنى تۇتۇشتا تۆمۈر ئەسۋاب ياكى نەيزىنىڭ سېپى ئىشلىتىلەر ۋە ئۇلار ياتقان يېرىدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى كۆككە سورۇلار.
ئەيىبلىمەس ئۇ بىزنى ئۇزاققىچە، غەزىپىمۇ ئەمەستۇر ئاداققىچە.
ئاچچىقىڭنى يۇتۇۋېتىپ ئىچىڭگە، ئوتتەك يانغان قەھرىڭنى باسقانىدىڭ.
ئىسرائىللارنىڭ نۇرى بولغان پەرۋەردىگار ئوتقا ئايلىنىدۇ، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا يالقۇنغا ئايلىنىدۇ، ئاسسۇردىن ئىبارەت بۇ تىكەن ۋە ئازغانلار بىر كۈندىلا كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ.
شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.
خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك، خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ.
بۇ رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ، بۇ ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ.
چۈنكى مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار.
سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»
مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە، سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى ئايىغىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.
ئەكسىچە، تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن يەر پايدىسىزلىقىدىن خۇدانىڭ لەنىتىگە قېلىپ، ئاخىرى كۆيدۈرۈلىدۇ.
شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا سوراق كۈنىگىچە گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى،