يەشايا 26:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان. Faic an caibideil |
مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.
پەرۋەردىگار سىئونغا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن، نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. مەن سېنى قوغدايمەن، مەن سېنى خەلقىم بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمنىڭ ۋاسىتىچىسى قىلىمەن. سەن بۇ يۇرتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىسەن، خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زېمىننى قايتىدىن تەقسىم قىلىسەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى.