يەشايا 26:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن، لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز. Faic an caibideil |
مەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلغان، ئۇ بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان. پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان.
ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئادەمدىن: «ئۆيدە باشقا ئادەم بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى ئادەم «يوق» دەپ جاۋاب بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا باشلىغاندا، كەلگۈچى: «ئارتۇق گەپ قىلما، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئالمايلى، بولمىسا بىزمۇ ئۆلىمىز!» دەيدۇ.