12 ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە تىنچلىق ئاتا قىلغىن. بىزنىڭ سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجرىمىز سەندىن كەلگەن.
پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە، تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە.
نىدا قىلارمەن خۇداغا _ ئۇلۇغ بولغۇچىغا، مەن ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا.
ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى، شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.
ئى خۇدا، نامايان قىلىپ قۇدرىتىڭنى، ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك كۆرسەتكىن كۈچۈڭنى.
ئى رەببىمىز، مېھرىڭ بىزگە يار بولسۇن، مەدەت قىلغىن، ئىشلىرىمىز ئوڭ بولسۇن، قوللىرىمىز بەرىكىتىڭگە لىق تولسۇن.
ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان.
ياخشىسى ئۇلار مەندىن پاناھلىق تىلەپ كەلسۇن. مەن بىلەن ياراشسۇن، ئۇلار مەن بىلەن يارىشىۋالسۇن.»
چۈنكى ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسە، مېنىڭ نامىمغا ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. ئۇلار، ياقۇپنى تاللىغان مەن مۇقەددەس خۇداغا ھۆرمەت ياغدۇرىدۇ. ئۇلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ.
مېنىڭ خەلقىم تىنچ زېمىندا ياشايدۇ، بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، تىنچ جايلاردا ئارام ئالىدۇ.
كۆپلىگەن ئىزدىنىشىڭلاردىن ھېرىپ-چارچىدىڭلار، ئەمما سىلەر بۇنى بىھۇدە ھېس قىلمىدىڭلار، ‹يېڭى كۈچنى تاپقىلى بولىدۇ› دەپ، ھېچ چارچاش ھېس قىلمىدىڭلار.
شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر چىقىدۇ. مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن!
بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.
لېكىن بۇ شەھەرگە شىپالىق ۋە ساغلاملىق بېرىدىغان بىر ۋاقتىم كېلىدۇ. مەن خەلقىمنى داۋالايمەن ۋە ئۇلارغا زور تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىمەن.
لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.
لېكىن مەن بۇنداق قىلىشتىن قولۇمنى تارتتىم ۋە نام-شەرىپىمنىڭ يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلىدۇ.
لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇ خەلقلەر مېنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا ئايان بولغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلەتتى.
ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.
پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆز دىدارىنى كۆرسەتكەي ۋە سىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلغاي!›»
سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار.
چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ قەلبلىرىنى پاكلايدۇ. شۇندىلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىسىلەر ۋە ھايات قالىسىلەر.
ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،